1 / 12

‹‹دوستلۇق ھەققىدە›› دېگەن دەرسنى ئۆتۈش جەريانى ھەققىدە چۈشەنچە

‹‹دوستلۇق ھەققىدە›› دېگەن دەرسنى ئۆتۈش جەريانى ھەققىدە چۈشەنچە. تولۇقسىز 2–يىللىق 1–سىنىپ رىزۋانگۈل قادىر 2011–يىلى 4–ئاينىڭ 2–كۈنى.

Download Presentation

‹‹دوستلۇق ھەققىدە›› دېگەن دەرسنى ئۆتۈش جەريانى ھەققىدە چۈشەنچە

An Image/Link below is provided (as is) to download presentation Download Policy: Content on the Website is provided to you AS IS for your information and personal use and may not be sold / licensed / shared on other websites without getting consent from its author. Content is provided to you AS IS for your information and personal use only. Download presentation by click this link. While downloading, if for some reason you are not able to download a presentation, the publisher may have deleted the file from their server. During download, if you can't get a presentation, the file might be deleted by the publisher.

E N D

Presentation Transcript


  1. ‹‹دوستلۇق ھەققىدە›› دېگەن دەرسنى ئۆتۈش جەريانى ھەققىدە چۈشەنچە تولۇقسىز 2–يىللىق 1–سىنىپ رىزۋانگۈل قادىر 2011–يىلى 4–ئاينىڭ 2–كۈنى

  2. بۇ تېكىست 11–ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكەن پادىشاھ، ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر شەمسۇلمائالى قابۇسنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەسىرى ‹‹قابۇسنامە››دىن ئېلىنغان. بۇ كىلاسسىك ، مەرىپەتلىك نەسىھەتنامە بولۇپ ، ئۇنىڭدا‹‹ئەي ئوغۇل›› دەپ باشلاپ، ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى بايان قىلىنغان. مەزكۇر دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى دەرس سائىتىدە يەتكۈزدۈم. بىرىنچى سائەت ئاپتور بىلەن تونۇشۇش ، تېكىستتىكى مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇش ، يېڭى سۆزلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرغان ئابزاسلار تېپىپ چىقىلىپ ، ئەسەر تەكرار ئوقۇلدى. ئىككىنچى دەرس سائىتىدە ، بىلىم بېرىش نۇقتىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىدىم:

  3. 1. ئوقۇغۇچىلارغا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى دوستلۇقنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشەندۈرۈش. 2. دوستلۇقنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھىملىقى ، دوستلۇق بۇرچ قاتارلىقلارنى ھېس قىلدۇرۇش. 3. ئەسەرنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش

  4. بۇنداق بېكىتىشىمىزدىكى سەۋەب — ھازىر بۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىز پەن – تېخنىكا يۈكسەك تەرەققىي قىلغان ، رىقابەت كۈندىن – كۈنگە كۈچەيگەن ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت سۇسلىشىپ بېرىۋاتقان بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار بىلىم جەھەتتە قوراللىنىپلا قالماي ، يەنە مەنىۋىي جەھەتتە ئوزۇق ئېلىشقا موھتاج . شۇڭا ئۇلار ھەقىقىي دوستلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ، قانداق كىشىلەر بىلەن دوست بولۇش ، قانداق كىشىلەر بىلەن دوست بولماسلىقنى ماھىيەتتىن چۈشىنىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن ، كىشىلىك جەمئىيەتتە يەنە ئاتا–ئانىمىزدىن باشقا يېقىن دوست بولۇش لازىملىقى ، يېقىن دوستقا نىسبەتەن يەنە قانداق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلدىم ۋە بۇنى ئەسەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدىم.

  5. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەسەرنىڭ تىلى ئىنتايىن ئۆزگىچە ، ئاددىي ، چۈشىنىشلىك ، ئارتۇقچە بايانلاردىن خالىي ، بىر ئوقۇغان كىشىگە ئاجايىپ ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالايدۇ . شۇڭا مەن بۇ نۇقتىنى ئەسەرنىڭ ھەم مۇھىم نۇقتىسى ھەم قىيىن نۇقتىسى قىلىپ بېكىتتىم. بۇنداق بېكىتىشىمدىكى سەۋەب ، ھازىر بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەيلى ئاغزاكى جەھەتتە بولسۇن ياكى يېزىقچىلىقتا بولسۇن ، ساپ بولمىغان ئارلاشما تىللارنى كۆپ قوللىنىدۇ . ئۇلارنىڭ تىلى ئاڭلىماققا ۋە ئوقۇماققا قايىل قىلىش كۈچى يوق ، شۇنداق يېقىمسىز ئاڭلىنىدۇ. شۇڭا ، ئۇلارنى تىل ئىشلىتىش جەھەتتە ئاددىي ، گۈزەل ، مۇشۇنداق ئىبارىلەرنى قوللىنىشنى ئۆگىنىشى ، يېقىملىق تىللار بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلغۇزۇشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت.

  6. دەرسكە باشلاپ كىرىشتە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارنى دەرسكە تولۇق قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ، دوستلۇق ئامانىتىگە خىيانەت قىلماسلىق ھەققىدىكى بىر ھېكايە ۋە دوستلۇق ھەققىدىكى تۆۋەندىكى ماقال–تەمسىل بىلەن دەرس باشلىدىم: يەنى ، ‹‹پىيازنىڭ پوستى تولا ، ئەخمەقنىڭ دوستى›› ‹‹ دوست يىغلىتىپ ئېيتار ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ›› بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ مەن ئويلىغاندەك ياخشى بولدى . ئوقۇغۇچىلار تەبىئىي ھالدا دەرسكە كىرىپ كەتتى ۋە مۇلاھىزىگە كىرىپ كەتتى .

  7. دەرس مەزمۇنى تۆۋەندىكى سوئاللار ئارقىلىق قانات يايدى: 1.بىز نېمىشقا دوست تۇتىمىز؟ 2.سىزنىڭ دوست تۇتۇشتىكى ئۆلچىمىڭىز نېمە؟ نېمە ئۈچۈن؟ 3.سىز مېنىڭ ھەقىقىي دوستۇم بار دەپ ئويلامسىز؟ 4.بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان شەمسۇلمائالى قابۇسنىڭ دوستلۇق ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ قايسىلىرىغا قوشۇلىسىز؟ قايسىلىرىنى رەت قىلىسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟

  8. يۇقارقى سوئاللارغا ئوقۇغۇچىلار ئەركىن پىكىر قاتناشتۇردى . ئاخىرىدا دەرستە ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۈپ ئىدىيە — يەنى ئىنسان ئۈچۈن دوست تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە دوست تۇتۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. مۇستەھكەملەش باسقۇچىدا مەن ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ سىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى دوست تۇتۇش ئۆلچىمىڭىز نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ؟ ›› دېگەن سوئالنى قايتا ئوتتۇرىغا قويدۇم . چۈنكى ، ھازىر ئوقۇغۇچىلىرىمىز دوست تۇتۇشتا چوقۇم قاتتىق بىر ئۆلچەم بولۇش ۋە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار مەۋھۈم نەرسە — تور ئارقىلىقمۇ ‹‹ دوست ›› تۇتۇۋالىدۇ . قىز – ئوغۇللارمۇ ئۆز–ئارا دوست بولدۇق ، دەپ قارايدۇ. كىمنىڭ زادى ھەقىقىي دوست ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. كۆڭلى ئازار يېگەندە بولسا قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ ، ئۆزلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ ياكى ئۆزىنى– ئۆزى كۆزگە ئىلمايدۇ ، مەن يارامسىز، دەپ قارايدۇ .

  9. شۇڭا ، مەن بۇ دەرس ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹دوست›› ھەققىدىكى ھەقىقىي بىر توغرا قاراشنى سىڭدۈرەلىگەن بولسام ، بۇ مېنىڭ زور مۇۋەپپىقىيىتىم دەپ قارايمەن.

  10. خەير–خوش

More Related